جىبۇتى ئەردوغاننى مەدھىيەلىدى
جىبۇتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەھمۇت ئەلى يۇسۇف تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قۇددۇس توغرىسىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى مەدھىيەلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىبۇتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەھمۇت ئەلى يۇسۇف ئېفىيوپىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئافرىقا ھۆكۈمەتلەر ئارا قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ 59-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ئاخىرلاشقاندا سۆز قىلدى.
ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكانىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش پىلانىغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۈستىدە توختىلىپ: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇددۇس توغرىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك ۋە قەتئىي مەيدانىنى نامايان قىلدى» دېدى.
ئۇ تۈركىيە بىلەن جىبۇتىنىڭ ھەم سومالىغا ياردەم قىلىش مەسىلىسىدە، ھەمدە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە بىر-بىرىگە ماس ھالدا سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جىبۇتى پىرېزىدېنتى ئىسمائىل ئۆمەر گۇللەنىڭ پات يېقىندا تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ جىبۇتى پىرېزىدېنتى ئىسمائىل ئۆمەر گۇللەنىڭ زىيارەت ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «پىرېزىدېنت ئىسمائىل ئۆمەر گۇللەنىڭ زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىقىدا يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشىغا ۋەسىلە بولىدۇ» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.