تۈركىيە 170 دۆلەتكە 21 مىليارد دوللارلىق تەرەققىيات ياردىمى بەردى

تۈركىيە 2010 – يىلدىن 2016 – يىلغىچە 170 دۆلەتكە 21 مىليارد دوللارلىق تەرەققىيات ياردىمى بەردى.

869677
تۈركىيە 170 دۆلەتكە 21 مىليارد دوللارلىق تەرەققىيات ياردىمى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە 2010 – يىلدىن 2016 – يىلغىچە ئەڭ كۆپ «رەسمىي تەرەققىيات ياردىمى» نى سۈرىيەگە قىلغان.

تاشقى ياردەملەرنىڭ % 62 تىنى سۈرىيەگە، % 9.54 تىنى ئافرىقا ئەللىرىگە، % 5.44 تىنى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە، % 4.3 تىنى بالقان دۆلەتلىرىگە، قالغان قىسمىنى باشقا رايونلاردىكى ئەللەرگە قىلغان.

تۈركىيە 2011 – يىلى باشلانغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى نەتىجىسىدە قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەن سۈرىيەگە بۇ جەرياندا 13 مىليارد 666 مىليون دوللار ياردەم قىلغان. تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە پەقەت ئۆتكەن يىلى قىلغان ياردىمىلا 5 مىليارد 851 مىليون دوللارغا  يەتكەن.

تۈركىيەنىڭ بۇلتۇر «ئىككى تەرەپلىك تەرەققىيات ياردەملىرى» دىن ئەڭ كۆپ بەھرىمەن بولغان ئالدىنقى قاتاردىكى 10 دۆلەت تىزىملىكىگە نۆۋەت بىلەن؛ سۈرىيە، سومالى، پەلەسىتن. ئافغانىستان، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، قىرغىزىستان، ماكېدونىيە، قازاقىستان، ئەزەربەيجان ۋە نىگېر كىرگەن.

تۈركىيە 2010 – يىلدىن 2016 – يىلغىچە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قىرغىزىستانغا 603.4 مىليون دوللار، قازاقىستانغا 281 مىليون دوللار، ئەزەربەيجانغا 157 مىليون دوللار، تۈركمەنىستانغا 79.4 مىليون دوللار، ئۆزبېكىستانغا 47.4 مىليون دوللار، تاجىكىستانغا 24 مىليون دولار تەرەققىيات ياردىمى بەرگەن.

 بۇ جەرياندا سۈرىيە ۋە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قالسا، سومالى 750 مىليون دوللار، ئافغانىستان 634 مىليون دوللار، مىسىر 454 مىليون دوللار تەرەققىيات ياردىمىگە ئېرىشكەن. تۈركىيە يەنە بۇ جەرياندا پەلەسىتنگە 313 مىليون دوللار، تۇنىسقا 212 مىليون دوللار، ئىراققا 167 مىليون دوللار تەرەققىيات ياردىمى بەرگەن.

تۈركىيە بۇلتۇر رايونلۇق تەرەققىيات ئورگانلىرىغا 203 مىليون دوللار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا 35 مىليون دوللار، دۇنيا بانكىسى بىلەن باشقا ئورۇنلارغا 12 مىليون دوللار ئىئانە قىلغان.

شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە 7 يىل ئىچىدە 170 دۆلەتكە 21 مىليارد دوللار تەرەققىيات ياردىمى بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر