ئەردوغان: ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى «ئوتتۇرا شەرق رايونىنى ئوتقا ئىتتىرىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش قارارىنىڭ «ئوتتۇرا شەرق رايونىنى ئوتقا ئىتتىرىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

863219
ئەردوغان: ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى «ئوتتۇرا شەرق رايونىنى ئوتقا ئىتتىرىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ

ۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان گىرېتسىيەگە قاراپ يولغا چىقىش ھارپىسىدا ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە خەلقىگە خىتاب قىلدى.

ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش توغرۇلۇق چىقارغان قارارى ھەققىدە توختالغان ئەردوغان، ئامېرىكا رەھبىرىنىڭ 1980 – يىلقى ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇسنى بېسىۋېلىپ، پايتەخت ئېلان قىلىشىنى ئىناۋەتسىز قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 474 – نومۇرلۇق قارارىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھازىرغىچە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەدىن باشقا ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇددۇس قارارىغا خىلاپ ھالدا ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پەقەت بۇ ئىككى دۆلەتلا داۋاملىق مۇشۇنداق قىلىپ كەلدى. پىرېزىدېنت ترامپنىڭ كىمگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. قۇددۇس ھازىرغىچە مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار ۋە قىسمەن يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسى بولۇپ كەلدى. مەسجىدى ئەقسا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى قىبلىمىزدۇر. بۇنداق قىلىش بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق رايونىنى ئوتقا ئىتتىرىشتۇر. ئەي ترامپ! سېنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىڭ زادى نېمە؟ سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ۋەزىيەتنى قالايمىقان قىلىۋېتىش ئەمەس، ئەكسىچە ۋەزىيەتنى تىنجىتىشتۇر. نۆۋەتتە ترامپنىڭ باياناتلىرى چاستوتا ئارىلاشتۇرغۇچ ۋەزىپىسى ئۆتىمەكتە. دەرۋەقە ئۇنىڭ باياناتلىرى ۋەزىيەتنى تىنجىتىشنى ئەمەس، ئەكسىچە ۋەزىيەتنى تېخىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشنى نىشان قىلىدۇ.»

تۈركىيەنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى سۈپىتىدە تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنى 13 – دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان، بۇ ھەقتە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفون ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر