«ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ»

تۈركىيە دىنى ئىشلار باشقارمىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

862974
«ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنى ئىشلار باشقارمىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا، ئامانلىقىغا ۋە ھۇزۇرىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلى ئەرباش قۇددۇسنىڭ پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىگە نوقۇل سىياسىي جەھەتتىنلا قاراشنىڭ تولىمۇ خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەرباش مۇنداق دېدى: «قۇددۇس ئاددەتتىكى جاي ئەمەس، ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى ئەقىل ۋە ۋىجدانغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر، شۇنداقلا ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ياشاش ئەنئەنىسىگە، ھۇزۇر-ھالاۋەتكە ۋە ئامانلىققا قىلىنغان زەربىدۇر. بۇ قارار تىنچلىق ماكانىنى توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر