تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئىرانلىقلارنى قۇتقۇزۇۋالدى

تۈركىيە-ئىران چېگراسىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بىر بىر تۈركۈم ئىرانلىق تۈركىيە ئەسكەرلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

861395
تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئىرانلىقلارنى قۇتقۇزۇۋالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-ئىران چېگراسىنىڭ ئىران تەۋەلىكىدە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بىر تۈركۈم ئىرانلىق تۈركىيە ئەسكەرلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

تۈركىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىغدىر ۋە كارسىتىكى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېلىنگەن 4 ئىرانلىقتىن بىرى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە-ئىران چېگراسىنىڭ ئىران تەۋەلىكىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىرانلىق ئىنژېنېر ۋە ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان ئەترەتكە ئىران تەرەپتىن ئوق چىقىرىلغان.

ۋەقەدە ئەترەت ئىچىدىكى تۆت كىشى يارىلانغان.

ئىرانلىقلار ئىران بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا تەۋە ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يىراق بولۇشى سەۋەبلىك، يارىدارلارنى دوختۇرخانىغا يۆتكەش ئۈچۈن چېگرادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈرك ئەسكەرلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان ۋە بۇ يارىدارلار دەرھال دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر