تۈركىيە ئارمىيەسى 80 دىن ئارتۇق تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاسوس رايونىدا ئېلىپ بارغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش مەسئۇللىرى قوشۇلۇپ 80 دىن ئارتۇق تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

858032
تۈركىيە ئارمىيەسى 80 دىن ئارتۇق تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، 27 – نويابىردا ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاسوس رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش رايون مەسئۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 80 دىن ئارتۇق تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، نۇرغۇن قورال ۋە ئوق – دورا، قوراللىق ئىككى ئاپتوموبىل ۋە تەشكىلات تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان ئۆڭكۈرلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ۋەيران قىلىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھەرىكەت ئەسناسىدا كۆپ ساندا تېررورچىنىڭ يارىلانغانلىقى، شۇڭا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنىڭ تېخىمۇ ئېشىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر