ترامپ بۈگۈن ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ترامپ باياناتىدا ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، «ئوتتۇرا شەرققە كىرىشىمىز باشتىنلا بىر خاتا ئىدى. تىرىليونلارچە دوللار ۋە نۇرغۇنلىغان ئۆلۈملەرگە سەۋەب بولدى» دېدى.

854476
ترامپ بۈگۈن ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۈگۈن كەچتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابى تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا،  «بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىمەن، مەن مىراس ئالغان ئوتتۇرا شەرقكە تىنچلىق ئېلىپ كېلىش ھەققىدە مۇزاكىرىلىشىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ترامپ باياناتىدا يەنە، سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى يېپىق شەكىلدە تەنقىد قىلغان ھالدا: «ئوتتۇرا شەرققە كىرىشىمىز باشتىنلا بىر خاتا ئىدى. تىرىليونلارچە دوللار ۋە نۇرغۇنلىغان ئۆلۈملەرگە سەۋەب بولدى» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر