ئەردوغان، پۇتىن ۋە رۇھانى ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ
3 رەھبەر رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدىكى يىغىندا سۈرىيەنىڭ ۋە رايوننىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلىشىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 13:15 ئۆتكەندە رۇسىيەنىڭ سۇچى شەھەرىگە قاراپ يولغا چىقتى.
ئەردوغاننىڭ رۇسىيە زىيارىتىگە رەپىقىسى ئامىنە ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ھەمراھ بولدى.
ئەردوغان رۇسىيەدە يەنە، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەنمۇ كۆرىشىدۇ.
ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى سۈرىيە مەسلىسى بولىدۇ. رەھبەرلەر رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدىكى يىغىندا سۈرىيەنىڭ ۋە رايوننىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلىشىدۇ.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىز پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى رۇھانىنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن، قوشما ئاخبارت ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىلىدۇ.
ئەردوغان، پۇتىن ۋە رۇھانى كېيىن يەنە كەچلىك زىياپەتتىمۇ بىر يەرگە جەم بولىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىلا پۇتىن بىلەن جەمئىي 6 قېتىم يۈزمۇ - يۈز كۆرۈشكەن بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.