«تۈركىيەنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىنىڭ سىرى مۇنداق»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىنىڭ سىرىنىڭ ئىشەنچ ۋە مۇقىملىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

840563
«تۈركىيەنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىنىڭ سىرى مۇنداق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئەرزىنجان ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئەرزىنجان شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئالتىنپاركتا ئۆتكۈزۈلگەن: «سودا دۇنياسى بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئۇچرىشىشى» ناملىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ 2012 – يىلدىن 2017 – يىلغىچە بولغان 15 يىلدىن بۇيان ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، قۇدرەت تېپىشى ۋە ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ سىرىنىڭ ئىشەنچ ۋە مۇقىملىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق كۈچلۈك ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت بېشىدا بولمىسا، ھېچكىممۇ كېلەچىكىگە مەبلەغ سالمايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ 2012 – يىلدىن 2017 – يىلغىچە بولغان 15 يىلدىن بۇيان ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، قۇدرەت تېپىشى ۋە ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ سىرى ئىشەنچ ۋە مۇقىملىقتۇر. بىز شۇنچە كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولساقمۇ، يەنىلا بۇنىڭلىق بىلەن قانائەت قىلىپ قالماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيمىز. دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچ يىللىق تەرەققىيات پىلانى مۇنداق: تۈركىيە ئوتتۇرا ھاللىق جەمئىيەتتىن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاللىق جەمئىيەتكە ئۆتىدۇ. يەنى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمنى 13 مىڭ دوللاردىن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز. تەرەققىي قىلىش نىسبىتىنى ئوتتۇرىچە % 5.5 تىن ئاشۇرىمىز. ھەر يىلى 1 مىليون پۇقرايىمىزنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز.»

يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ 15 يىل ئىچىدە دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتى ساھەسىدە يەرلىك ھەسسە قوشۇش نىسبىتىنى % 26 تىن % 64 كە يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇڭا تۈركىيە قولغا كەلتۈرگەن ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى سەل چاغلىماسلىق كېرەك. دۆلىتىمىز  قۇرۇلمىسى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان بىر جۇغراپىيەگە جايلاشقان. شۇڭا بۇ جۇغراپىيەدە ئۆز مەۋجۇدىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش تولىمۇ قىيىن. شۇنداقتىمۇ خەلقىمىز بۇ جۇغراپىيەدە ئەزەلدىن تارتىپلا ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى قانداق ساقلاپ قېلىشنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. جۈملىدىن بىز قانچىلىغان ئەسىرلەردىن بۇيان بۇ جۇغراپىيەدە پەقەت ئۆز مەۋجۇدىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىپلا قالماي، يەنە مەزلۇملارنىڭ، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھامىيسى بولۇپ كەلدۇق. سۈرىيە ۋە ئىراقتا يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىنسانلارنى باغرىمىزغا باستۇق. تۈركىيەدىن باشقا ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇنداق قىلغىنى يوق. دەرۋەقە، بىزگە لايىق بولغىنىمۇ ئەنە شۇ. دۆلەت ئىچى – سىرتىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا، ئەتىمىز بۈگۈنكىدىنمۇ ياخشى، ئىستىقبالىمىز ھازىرقىدىنمۇ پارلاق بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر