تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى رۇسىيەدە
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان پارلامېنتلار ئارا ئىتتىپاقى يىغىنى ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ ساينت پېتېرسبۇرگ شەھىرىگە كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاھرامان تۇنجى يىغىنىنى ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ۋە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلى مەجلىسىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاچتى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان يىغىندا، دېكابىردا قىرغىزىستاندا چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسانبىلىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، قاھرامان ئەتە پارلامېنتلار ئارا ئىتتىپاقى ئومۇمىي كېڭىشدە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.