مۇغلادا 1 تېررورچى ۋە 3 پاراخوت خادىمى نازارەتكە ئېلىندى

پاراخوت خادىملىرىنىڭ لازىقىيە  پورتىدىن تېررورچىلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەنلىكى ئېنىقلاندى.

823367
مۇغلادا 1 تېررورچى ۋە 3 پاراخوت خادىمى نازارەتكە ئېلىندى

مۇغلانىڭ سەيدىكەمەر ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، سۈرىيەنىڭ لازىقىيە شەھىرىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنى دېڭىز يولى ئارقىلىق تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەنلىكى ئېنىقلانغان سۈرىيەللىك 3 پاراخوت خادىمى بىلەن 1 تېررورچى تۇتۇلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇغلا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى تېرررورلۇققا قارشى كۈرەش ئەترىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىستىخبارات خىزمەتلىرى سايىسىدا، تېررورچىلارنى مۇغلاغا ئېلىپ كەلگەنلىكى بايقالغان 3 سۈرىيەلىك پاراخوت خادىمى بىلەن 1 تېررورچىنىڭ سەيدىكەمەر ناھىيەسىدە ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

تۇتۇش ھەرىكىتى جەريانىدا نازارەتكە ئېلىنغان 4 كىشى ساقچى ئدارىسىنىڭ سوئال - سوراقلىرىدىن كېيىن، سەھىيە تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەدلىيەگە تاپشۇرۇلدى.

4 - سېنتەبىردە سەيدىكەمەر ناھىيەسىدە يول تەكشۈرۈش جەريانىدا، 4 تېررورچى ۋە 3 ھەمكارلاشقۇچى تۇتۇلغان بۇلۇپ، شۇنىڭدىن بىر كۈن كېيىن يەنە، 5 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان ئىدى.

مەسئۇللار بۇ ئىككى تېررورچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ بىر – بىرىدىن مۇستەقىل ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر