ئەردوغان: سۈرىيەدە «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت داۋاملىشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

822193
ئەردوغان: سۈرىيەدە «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت داۋاملىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئافيونقاراھىساردا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 26 – نۆۋەتلىك «كېڭەش ۋە ئانالىز» يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتىقىدا، سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا مەلۇملۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «<فىرات قالقىنى> ناملىق ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق نۆۋەتتە ئىبدلىبنىڭ جەنۇبىدا بىخەتەرلىكنى قوغداش  مەقسىتىدە ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. ئىدلىبتە داۋاملىشىۋاتقان بۇ ھەرىكەت بۇنىڭدىن كېيىنمۇ توختاپ قالمادۇ. ھەلەبتىن قېچىپ ئىدلىبكە كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ ئۆلۈم گىردابىدا تاشلاپ قويمايمىز، ئەكسىچە باغرىمىزغا باسىمىز. دەرۋەقە، ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار. نۆۋەتتە بۇ ھەقتە جىددىي قەدەم تاشلاندى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ.»

تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىنى بويلاپ تېررورلۇق كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈشىگە ئەسلا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ئىدلىب ھەرىكىتىدىن كېيىن بۇ ھەقتە يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلارنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن تۈركىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان خىرىسلارغا ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرالمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دەل ئەكسىچە، ئۇلار ھەرىكەتكە ئۆتكەن ھامان، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى چوقۇم ئۈزۈل - كېسىل بىر تەرەپ قىلىمىز. بۇ نىشانغا يەتكىنىمىزدە، تۈركىيە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان بولىدۇ. بۇ نىشانىمىزغا يېتىش يولىدا جىددىي قەدەم تاشلىدۇق ۋە تاشلاۋاتىمىز.»

ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 25 – سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قانۇنسىز رېفېراندۇم توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئىراق ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا شۇنى ئئەسكەرتىپ قويىمەنكى، بۇنداق دوگما قاراشلارغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلساڭلار ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيسىلەر. بۇ نۇقتىدا سىلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بىرلا ئىشىڭلار بنار. ئۇ بولسىمۇ ئىشنى قەيەردىن باشلىغان بولساڭلار شۇ يەرگە قايتىشتۇر. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ھەم يېتىم قالىسىلەر ھەم قول ئىلكىڭلاردىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن مەھرۇم بولۇپ قالىسىلەر.»

«ئىستانبۇل قانىلى» توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، تۈركىيەگە نىسبەتەن ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان «ئىستانبۇل قانىلى» نىڭ، «سۇۋەيش قانىلى» ۋە «پاناما قانىلى» غا ئوخشاشلا دۇنيادىكى يېڭى بىر ماركىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەردوغان بىر مۇخبىرنىڭ «تۈركىيە ئارمىيەسى ئىدلىبتىمۇ؟» تەرىقىسىدىكى سوئالىغا: «<فىرات قالقىنى> ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنى نۆۋەتتە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. تېخىچە ئۇ يەردە بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز يوق. ئۇلارغا رۇسىيە ھاۋادىن، تۈركىيە ئارمىيەسى چېگرا ئىچىدىن ياردەم بېرىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر