«بارزانى رېفېراندۇم مەسىلىسىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلمىسا، بىز بىر تەرەپ قىلىمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى مەسئۇد بارزانىنىڭ رېفېراندۇم مەسىلىسىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلمىسا، تۈركىيەنىڭ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

820868
«بارزانى رېفېراندۇم مەسىلىسىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلمىسا، بىز بىر تەرەپ قىلىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىران زىيارىتىنى تاماملاپ تۈركىيەگە قايتىشىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا «تېررورلۇق كارىدورى» شەكىللەندۈۈشكە يول قويماسلىق ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى، بۇنىڭ شىمالىي ئىراق ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

شىمالىي ئىراق مەسىلىسىدە تۈركىيە، ئىران ۋە ئىراق ئوتتۇرىسىدا «ئۈچ تەرەپلىك مىخانىزم» ئورنىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «نېفىت كىلاپانىنى تاقاش قارارى» نىڭمۇ ئۈچ دۆلەت تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 25 – سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قانۇنسىز مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىنىڭ يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قانۇنسىز رېفېراندۇمنىڭ فېدېرال پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتەلمەيدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنى رەسمىي جاكارلىدى. ئىراق ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىمۇ رېفېراندۇم قارارىنى توڭلىتىپ قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭغا خاتىمە توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغانىدى.»

ئۇ يەنە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى مەسئۇد بارزانىنىڭ بۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىشتىن باشقا چارىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «مەسئۇد بارزانى بۇ ئىشنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشى لازىم، ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن، پىلانىمىزغا ئاساسەن بۇنى بىز بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. بىز بۇ ھەقتە ئىلگىرى نېمە دېگەن ئىدۇق؟  جەنۇبىمىزدا قانداقتۇر بىر تېررورلۇق كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈشىگە قەتئىي يول قويمايمىز. بۇنىڭ دەسلەپكىسى سۈرىيەنىڭ شىمالى قىسمى... مەن ئۆتكەن ئاي ئامېرىكىغا قىلغان زىيارىتىمدە پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن بۇ ھەقتە ئوچۇق - ئاشكارا سۆھبەت ئېلىپ باردىم. ئەگەر دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا بۇنداق ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقسا، بىز بۇنىڭغا دەرھال مۇداخىلە قىلىمىز. بۇ نۆۋەتتە شىمالىي ئىراق ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە، ئەلۋەتتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر