تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان گارا رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئېغىر زەربە بەردى.
820123
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى ئىشلىتىۋاتقان لاگېرلارنى بومباردىمان قىلىشى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تۈنۈگۈن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى گارا رايونىدىكى پ ك ك لاگېرلىرىنى بومباردىمان قىلغان. بومباردىماندا تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى، پاناھلىنىش جايلىرى ۋە قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.