جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ب د ت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۆۋەندە «دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە پىروفېسسور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ب د ت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

815216
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ب د ت  يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 72 – نۆۋەتلىك ب د ت  يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن نيۇ يوركقا بارغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۇ يەردە مەيلى دۇنيا ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى، مەيلى ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار، مەيلى ھەر خىل قاتلامدىكى زاتلار بىلەن بولسۇن، مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى. ئۇ، 72 – نۆۋەتلىك ب د ت  يىغىنىدا دۇنيا رەھبەرلىرىگە قارىتىپ خەلقئارا تىنچلىق، باياشاتلىق ۋە سىجىل ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا ناھايىتى مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ب د ت يىغىنىدىكى سۆزى سۈرىيە كىرىزىسى، مۇساپىرلار، بىرما، ئىراقتىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى مۇساپىسى ۋە قاتار مەسىلىسى قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلدى. دۇنيا تىنچلىقىغا نۇقتىلىق تەھدىت بولۇۋاتقان بۇ مەسىلىلەر خەلقئارا ئادالەت، خەپسىزلىك ۋە ئىقتىسادقا نىسبەتەن جىددىي خەۋپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. بۇ دائىرىدە، ئەردوغان ئالدى بىلەن، تۈركىيەنىڭ يېنىدىلا داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە كىرىزىسى توغرىسىدا توختالدى.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيە سۈرىيە كىرىزىسىغا چارە تېپىش يولىدا، مەيلى سىياسىي جەھەتتە، مەيلى ئىنسانىي ياردەملەرنى قىلىش جەھەتتە، مەيلى مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جەھەتتە بولسۇن، قولىدىن كېلىدىغان پۈتكۈل ئىشلارنى قىلدى. 3 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىك مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىپ، ئۇلارغا پاناھلىنىش، ئۇزۇقلىنىش ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىنى تەل قىلىپ بېرىشى، تۈركىيەنى دۇنيادا ئۈلگىلىك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇردى.

تۈركىيە بۇ ياردەملەر بىلەن بىرلىكتە 30 مىليارد دوللارغا يېقىن پۇل سەرپ قىلىپ، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلىتىگە ئايلاندى. مەسىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن مۇساپىرلارغا قىلىنغان ياردەمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 800 مىليون ياۋرو بىلەن چەكلەنگەن بولسا، دۇنيانىڭ 17 – چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولغان تۈركىيە، بۇ ساننى زور پەرق بىلەن ئارقىدا قالدۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرگە ئەھمىيەت بېرىشى سۈرىيەلىك مۇساپىرلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. تۈركىيە، يېقىندىن بۇيان چېكىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەن  ئىنسانىي كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغىمۇ ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىشكە باشلىدى. تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى، قىزىل ئاي جەمئىيىتى ۋە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسى دېگەندەك ئورگانلار، رايونغا ياردەم قىلىش بىلەن بىرگە، كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، رايون ۋە خەلقئارادىكى شېرىكلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، مەسىلىگە چارە ئىزدىمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، مۇۋەققەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىمۇ تۈركىيەنىڭ بىرما مەسىلىسىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىشى،  مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ب د ت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر مەسىلە، 25 – سېنتەبىردە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى بويىچە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قارارى بولدى. ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئۆتكۈزۈلگۈسى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىن رايونغا يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگونىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەلۇم بولغىنىدەك، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى نېفىت ئېكسپورتى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرمەكتە ۋە بۇنىڭدا كەركۈك – يۇمۇرتالىق تۇرۇبا لىنىيەسى ئالاھىدە رول ئوينىماقتا.

نۆۋەتتىكى ھاكىمىيەتنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشىدا، تۈركىيە ئارقىلىق خەلقئارا بازارلارغا قىلىدىغان نېفىت ئېكسپورتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. نېفىتتىن باشقا ھابۇر چېگرا ئېغىزى ئارقىلىقمۇ ئىقتىسادىغا مۇھىم كۈچ بېغىشلاۋاتقان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇۋېلىشىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بار.

ئەردوغان توختالغان يەنە بىر تېما، پارس قولتۇقىدىكى قاتار كىرىزىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگونىڭ ھەم پارس قولتۇقى سودىسىنىڭ ھەم دۇنيا تەبىئىي گاز بازارلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. قاتارنىڭ نۆۋەتتە دۇنيا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورتىدا بايراقدار دۆلەت ئىكەنلىكى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلغان ھالدا، مەۋجۇت ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە كېلىشمەسلىكلەر توغرىسىدا يارىشىش ھاسىل قىلىش، رايون ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.

ئاخىرىدا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دۆلەتلىك قۇرۇلمىسىنى ئەيىبلىگەن ئەردوغان، نۆۋەتتە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان دۇنيا تۈزۈمىدىن پەرقلىق بىر نۇقتىدا ئىكەنلىكىنى، ب د ت نىڭ بۇ خىل قارار چىقىرىش تۈزۈمىنى ئارقىدا قالدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۈزۈل كېسىل – تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ب د ت ، ھازىرقى كۈندە زامانىمىزدىكى كىرىزىسلارغا چارە تاپالمايدىغان پالەچ بىر قۇرۇلمىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا، ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق ئورنىتىلغان بىر دۇنيا ۋۇجۇدقا چىقىرىش نىشانىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ب د ت ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر