ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەنقىد قىلدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنىڭ تىياتىر ئويۇنىغا ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ كۈرەشتە چاپان سالغان تەرەپ بىز بولمايمىز» دېدى.

813690
ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇپەتتىشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىدە تېز سۈرئەتتە ۋە سەمىمىي شەكىلدە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىسلاھاتلارنىڭ، تولۇق ئەزا بولۇشقا يەتمىگەنلىكىنى، بىراق دېموكراتىك ئۆلچەملەرنى يۇقىرى سەۋىيەگە چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا خۇددىي تىياتىر ئويۇنىغا ئايلانغان مەزكۇر كۈرەشتە، چاپان سالغان تەرەپنىڭ تۈركىيە بولمايدىغانلىقىنى ھەممە كىشىنىڭ بىلىشى كېرەكلىكىنى؛ بۇ مەسىلىدە قارار بېرىدىغان تەرەپنىڭ ۋە بۇ ھەقتىكى قارارنى پۈتكۈل دۇنياغا ئېلان قىلىشى كېرەك بولغان تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«قېنى ئۇلار قارارىنى بەرسۇن، بىز قارارىمىزنى ناھايىتى ئاسان بېرىمىز، بىز ئۇلارنىڭ قارارىنى دۇنياغا يەتكىدەك سەۋر بىلەن ساقلايمىز.»

ئۇ تۈنۈگۈن (24-سېنتەبىر) گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ بىر ساۋاق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«چۈنكى كىشىلەر ھەممە نەرسىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ، بىز نۇرغۇن ئىشلارنى ئېيتتۇق. بىراق، ئۇلار يۈزىنى تەتۈر ئۆرىدى، مانا ئەمدى ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقتى، بىزنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق قىيىنچىلىقىمىز يوق، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ خەلقى بىلەن مەسىلىمىز يوق، بىزنىڭ پەقەت ئۇ يەرلەردىكى ھاكىمىيەتلەر ۋە ھاكىمىيەت باشقۇرۇش شەكلى بىلەن مەسىلىمىز بار بولۇشى مۇمكىن.»

ئۇ باشقا دۆلەتلەر نامزات بولغاندا تىلغا ئېلىنمىغان قائىدە-پىرىنسىپلارنىڭ، تۈركىيەگە كەلگەندە قوبۇل قىلماسلىق ئۈچۈن يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغاندەك قائىدە-پىرىنسىپلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىقىنى خاتىرىلەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدۇق. ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇزاكىرە تېمىلىرىنى باشلىماي، ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۈز قىلىپ، مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ۋە نۇرغۇن مەسىلىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئادا قىلماي ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر