تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى شىمالىي ئىراقتا پاناھلىنىۋاتقان تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدىكى لاگېرلىرىنى بىتچىت قىلدى.

813583
تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى شىمالىي ئىراقتا پاناھلىنىۋاتقان تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈنۈگۈن زاپ ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدىكى پ ك ك لاگېرلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان تېررورچىلارنىڭ قورال ئىستىھكامى، پاناھلىنىش ئورنى، قورال ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنى يوقىتىپ تاشلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە تۈركىيە مىقياسىدا 18 ى ئۆلۈك بولۇپ جەمئىي 40 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر