ئەردوغان ئامېرىكىدا ناتو باش كاتىپى قاتارلىق بىر قىسىم ئەربابلار بىلەن كۆرۈشتى

72 – نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىگە يېتىپ بارغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنگبېرگنى قوبۇل قىلدى.

809558
ئەردوغان ئامېرىكىدا ناتو باش كاتىپى قاتارلىق بىر قىسىم ئەربابلار بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى رەھبەرنىڭ 40 مىنۇتقا يېقىن داۋاملاشقان ئۇچرىشىشى جەريانىدا، رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا كېلىشىمى، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

ئەردوغان ئارقىدىن مىننېسوتا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سومالىلىق ئەزاسى ئىلخان ئۆمەرنى قوبۇل قىلدى.

يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىمۇ قوبۇل قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى؛ جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايوندىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان سۆھبەتتە، بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ رايوندىكى جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋېتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان ھالدا، ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى. بۇ دائىرىدە، ئىراق فېدېراتسىيە ئالىي مەھكىمىسىنىڭ بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى توختىتىپ قويۇش قارارىنىڭ توغرا بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سۆھبەتتە، پ ك ك ۋە دائېش قاتارلىقلارغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى؛ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادىغا ئۆتكەن ھەپتە دىكاردا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر