تۈركىيە سۈرىيە چېگراسىغا قورال - ياراغ يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە، سۈرىيە چېگراسىدىكى كىلىسقا ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى يوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

809860
تۈركىيە سۈرىيە چېگراسىغا قورال - ياراغ يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن يولغا چىققان 8 دانە ئېغىر تىپلىق قورال بېسىلغان يۈك ماشىنىسى بىلەن بىرونېۋىك ئاپتوموبىللار قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ھەمراھلىقىدا كىلىسقا يېتىپ باردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە بىرونېۋىكلارنىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى قىسىملارنىڭ ئارقا سېپىنى كۈچەيتىش مەقسەتلىك ئەۋەتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر