قايغۇلۇق خەۋەر: بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

ماردىننىڭ نۇسايبىن ۋە ئۆمەرلى ناھىيەلىرى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

809250
قايغۇلۇق خەۋەر: بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماردىندە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نۇسايبىن ۋە ئۆمەرلى ناھىيەلىرى ئەتراپىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، ئېتىشۋازلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، ئېتىشىشتا بىر ئەسكەر شېھىت بولغان.

رايوندا، تېررورىستلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر