چاۋۇشئوغلۇ ئاراكان مەسىلىسى توغرۇلۇق ب د ت نىڭ سابىق باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئاراكاندىكى زۇلۇمغا چارە تېپىش مەقسىتىدە ب د ت نىڭ سابىق باش كاتىپى ۋە ئاراكان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى كوفى ئاننان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

799696
چاۋۇشئوغلۇ ئاراكان مەسىلىسى توغرۇلۇق ب د ت نىڭ سابىق باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليانىڭ ئالانيا ناھىيەسىدە ھېيت نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاراكانلىق روھىڭيا مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم – سىتەملەرنىڭ يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغان بۇ ھەقتە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بىلەن تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. جۇمھۇر رەئىسىمىز ۋە باش مىنىستىرىمىزنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. بۈگۈنمۇ كوفى ئاننا بىلەن كۆرۈشىمىز. ئالدىمىزدىكى ھەپتىمۇ داۋاملىق ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىپ ھەمدە ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاراكانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر