ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۇجۇملىرىدا ئونلارچە بالا ئۆلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيىەسىنىڭ غەززە رايونىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 10 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2143401
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۇجۇملىرىدا ئونلارچە بالا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (ۋافا) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرىدىكى ئىككى ئۆيگە ھۇجۇم قىلغان.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززە شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ئەددەرەك مەھەللىسىدىكى بىر ئۆينى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، ئاز دېگەندە 10 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.

رەفاھ شەھىرىدە «ئەششائىر» ئائىلىسىگە تەۋە بىر ئۆينىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشى نەتىجىسىدە بىر پەلەستىنلىك قازا قىلغان.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززە رايونىنىڭ جىبالىيە ۋە زەيتۇن مەھەللىلىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 21 پەلەستىنلىك قازا قىلغان، نەچچە ئون كىشى يارىلانغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان ھۇجۇملاردىن كېيىن، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جېنىن شەھىرى ۋە جېنىن مۇساپىرلار لاگېرىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر