پ ك ك يەنە ئىككى كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جانلىرىغا زامىن بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

789619
پ ك ك يەنە ئىككى كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارىنىڭ شەمدىنلى ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچىنى بىر خۇسۇسىي ئاپتوموبىل ئۆتۈۋاتقان ئەسنادا پارتلىتىشى نەتىجىسىدە 2 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر