ئەردوغان پارس قولتۇقىنى زىيارەت قىلىدۇ

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار كىرىزىسى بىلەن داۋالغۇشقا ئۇچرىغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.

767709
ئەردوغان پارس قولتۇقىنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئېچىلغان G-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن قايتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قاتار كىرىزىسى ئۈستىدە توختالدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ قاتار كىرىزىسىنى دىيالوگ يولى بىلەن قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ 15-ئىيۇل پائالىيەتلىرىدىن كېيىن، پارس قولتۇقىنى قايتا ئايلىنىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «زىيارىتىمىز ئارقىلىق دىيالوگنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشالىشىمىز مۇمكىن. بولۇپمۇ، قاتار، كۇۋەيت ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ: «كۇۋەيت مۇرەسسەچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، بىز كۇۋەيتنى قوللايمىز. بىز تەرەپلەر ئارىسىدا دىيالوگنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشنى مەقسەت قىلىمىز» دېدى.

مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 5-ئىيۇن تېررورلۇقنى قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتار بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر