پ ك ك نىڭ خاتايدىكى ھۇجۇمىدا ئىككى ساقچى شېھىت بولدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېرروچىلىرى خاتايدا ساقچى تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتايدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا قىلغان قوراللىق ھۇجۇمىدا 2 ساقچى شېھىت بولدى، 1 ساقچى يارىلاندى.
خاتاي ۋالىيسى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ مەزكۇر ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، «ھۇجۇمنىڭ پ ك ك تەرىپىدىن قىلىنغانلىقى ئېنىق. تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا. ھەم ساقچىلىرىمىز ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترىتىمىز، قېچىپ كەتكەن تېررورچىلارنى قولغا چۈرۈش ئۈچۈن چارلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.
خاتاي ۋالىيسى ئاتا، يارىدار ساقچىنىڭ دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى، يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
رايونغا كۆپ ساندا ئالاھىدە ھەرىكەت خادىمى ۋە ساقچىلار ئەۋەتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.