چاۋۇشئوغلۇ: فەتھۇلالھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ياپونىيەدە ناھايىتى ئاكتىپ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بەزى دۆلەتلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئىستىخبارات ئورۇنلىرىغا خىزمەت قىلغانلىقى مەسىلىسىدە ياپونىيەنى ئاگاھلاندۇردى.

757500
چاۋۇشئوغلۇ: فەتھۇلالھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ياپونىيەدە ناھايىتى ئاكتىپ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ 15-ئىيۇلدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خائىنلارچە قانلىق ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈرك خەلقى قولىغا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىنىمۇ ئالماي تۈركىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا كوچىلارغا چىقىپ، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئۈستىدىن غالىپ كەلدى. فەتھۇللاھچى تېررورىستلار خەلق تاپشۇرغان باج بىلەن سېتىۋېلىنغان تانكىلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قارىتىپ ھەيدىدى، ئايروپىلان بىلەن بومباردىمان قىلدى، تىك ئۇچارلاردىن ئوق ياغدۇردى، كىشىلەرنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى، 250 شېھىتىمىز بار، 2200 ئەتراپىدا يارىدارىمىز بار.»

ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ دۆلەتكە مەخپىي سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىزنىڭ مىنىستىرلىقىمىزدا دىپلوماتلارنىڭ %25 نى خىزمەتتىن ھەيدەشكە مەجبۇر قالدۇق. چۈنكى بۇلارنىڭ ساداقىتى دۆلەتكە ۋە مىنىستىرلىققا ئەمەس. بىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز ناھايىتى سەزگۈر ئورۇن. ھەتتا، مەخپىي ھۆججەتلەرنىمۇ فەتھۇلالھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان كىشىلەر بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىزمەتتىن ھەيدىدۇق» دېدى.

ئۇ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ساداقىتى بولغانلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلالمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «بۇ تەشكىلات بەزى دۆلەتلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا خىزمەت قىلىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇسكى بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى ياپونىيەدە ناھايىتى ئاكتىپ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر