تۈركىيە ئارمىيەسىنى قاتارغا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان قارارنامە قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنى قاتارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قوراللىق قىسىملارنى تەربىيەلەش نىشان قىلىنغان ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك قارارنامە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىندى.

748356
تۈركىيە ئارمىيەسىنى قاتارغا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان قارارنامە قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارارنامىنىڭ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن قاتار ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدا 2001 – يىلى 25 – دېكابىر كۈنى ئىمزالانغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى كېلىشىمى ھۆكۈملىرى، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن قاتار ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق قىسىملارنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە 2015 - يىلى 2 – دېكابىر كۈنى دوھادا ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسىگە ئاساسەن ماقۇللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قوراللىق قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن قاتار ئىچكى بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلىدىغان ھەمكارلىق پىرىنسىپىنى تۇرغۇزۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن كېلىشىم لايىھەسى ئارقىلىق تەلىم - تەربىيە پائالىيەتلىرىنى پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم نۇقتىلار ۋە تەرەپلەرنىڭ ۋەزىپىسى ھەم مەسئۇلىيەت دائىرىسىنىڭ بەلگىلەپ چىقىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

قارارنامە دائىرىسىدە تۈركىيە ھەربىي قىسىملىرى قاتارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر