ئەردوغان: «مۇسۇلمانلارنىڭ خارلىقتىن قۇتۇلۇشى، ئىسلام بىلەن بولغان رىشتىسىگە باغلىق»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدا خۇتبىسىدىكى تەۋسىيەلىرىنى بولسىمۇ ھەققىگە يارىشا ئىشقا ئاشۇرۇلىغان تەقدىردە، مۇسۇلمانلارنىڭ چوقۇم نىجاتلىققا يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

744899
ئەردوغان: «مۇسۇلمانلارنىڭ خارلىقتىن قۇتۇلۇشى، ئىسلام بىلەن بولغان رىشتىسىگە باغلىق»

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلالىشىمىز ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى چۈشۈنۈپ يېتىشىمىز لازىملىقىنى بىلدۈرۈپ، «پەقەت ۋىدا خۇتبىسىدىكى تەۋسىيەلىرىنى بولسىمۇ ھەققىگە يارىشا ئىشقا ئاشۇرۇلىغان تەقدىردە، مۇسۇلمانلارنىڭ نىجاتلىققا يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تەسۋىرلەش خەلقئارا مۇسابىقىسى پىروگراممىسىدا  نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان «مۇسۇلمانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خارلىقتىۈ قۇتۇلىشىمىزنىڭ يولى، دىنىمىز بىلەن بولغان رىشتىمىزنى كۈچلەندۈرۇشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى. 

ئەردوغان «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەسۋىرلىرى بىزگە قەلبىمىزنى ئۇنىڭغا ئېچىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ جامالىنى ۋە ئەمەللىرىنى تەسۋىرلىگەنسىرى دىنىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ خەتتاتلىق ۋە تەسۋىرلەش سەنئەتلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ - مۆھەببىتىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ۋە سەمىمىيىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. قۇرئان كەرىمنى ئەڭ گۈزەل يېزىپ كۆپەيتىش بىزنىڭ ئەڭ گۈزەل مەسئۇلىيىتىمىزدۇر» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر