بىنالى يىلدىرىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

741912
بىنالى يىلدىرىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىنالى يىلدىرىم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار زىياپىتىدە،  جۇمھۇر رەئىس شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مىنىستىرلار كابېنتى ئەزالىرى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزىي قارار چىقىرىش ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى ھەمدە گۇرۇپپا باشلىق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

بىنالى يىلدىرىم سۆز قىلىپ، پارتىيەنىڭ 15 يىللىق ھاكىمىيەت جەريانىدا ئالدىنى تورىغان بارلىق ھاكىممۇتلەقلىق توسالغۇلىرىنى خەلق بىلەن بىرلىكتە مەغلۇپ قىلىپ ماڭغانلىقىنى، 15 - ئىيۇل كېچىسى مىللەت ۋە دۆلەتنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان خائىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ شۇنداقلا باشقا بارلىق كۈچلەرنىڭ تۇزاقلىرىنى مىللەتنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن بىتچىت قىلىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىنالى يىلدىرىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش ئۈستىدە توختىلىپ:  «دۆلەتنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىۋالغان بۇ شايكىلارنى قانۇن دائىرىسىدە پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلىماقتىمىز. بۇ يەردىكى ئۆلچىمىمىز رەھىم-شەپقەت ئەمەس، ئادالەت بىلەن ئىش قىلىشتۇر. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشلىرىمىزنى ھېچ كىشى ئاساسسىز بۆھتانلار بىلەن ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرىنىدىغان ئىشنى قىلمىسۇن» دېدى.

سۈرىيە، ئىراق ۋە ئىراندا ئوخشاش بولمىغان ئىسىم ۋە نىقاپلار بىلەن پائالىيەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قىشلىق ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە ئۇمۇرتقىسى سۇندۇرۇپ تاشلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن بىنالى يىلدىرىم، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا رەھىم قىلىش ئەزىز ۋەتەنگە ۋە ۋەتەن يولىدىكى شېھىتلارغا قىلىنغان ئەڭ ئېغىر ناھەقچىلىق بولىدىغانلىقىنى جىكىلىدى.

بىنالى يىلدىرىم يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كىرىزىس دولقۇنلىرى ۋە ئالقىنىنى ئۇۋۇلاپ تۇرغان كىرىزىس سۇيىئىستېمالچىلىرىغا قارىماستىن، تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاز زىيان بىلەن كىرىزىستىن ئۆتۈپ، ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، تاشقى پىرېۋوت رىقابەتلىرى ئوتتۇرىىسدا پۇلنىڭ ئېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

بىنالى يىلدىرىم ئېكىسپورت جەھەتتىمۇ قايتىدىن رېكورت يارىتىشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىستانبۇل پايچېك بازىرىنىڭ تارىخىي قىممەتكە ئىگە ئېچىلىش ۋە يېپىلىشلارنى مەيدانغا چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر