تۈركىيە ئەنگلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرىدە تۈنۈگۈن كېچە مەيدانغا كېلىپ، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

737494
تۈركىيە ئەنگلىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «تېررورلۇق بالاسىغا قارشى بۇ بالانى ياراتقان ھەر تۈرلۈك مۇھىتنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، يېقىن دوستىمىز ۋە ئىتتىپاقدىشىمىز بىرلەشمە خانلىق بىلەن بىرلىكتە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن قەتئىي ۋە پائال كۈرىشىمىزنى مۈرىنى مۈرىگە تىرىگەن ھالدا داۋاملاشتۇرىمىز. مانچېستېردىكى پەسكەشلەرچە ھۇجۇمغا بېرىدىغان ئەڭ ياخشى ئورتاق جاۋاب بۇ بولىدۇ» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېر ئارقىلىق تېلېگرامما تارقىتىپ، ئەنگلىيە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى؛ ئۇ تېلېگراممىسىدا «مانچېستېردىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە تەزىيە تىلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «مانچېستېردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قالىن، تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئورتاق ۋە قەتئىي كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى باشلىقى كەمال قىلىچدارئوغلۇمۇ تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى؛ تېررورنىڭ يەنە بىر قېتىم بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قىلىچدارئوغلۇ، تېلېگراممىسىدا «مانچېستېردىكى ھۇجۇمغا لەنەت ئېيتىمەن ۋە ئەنگلىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېگەن ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر