تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ي پ گ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ غا ئېغىر تىپلىق قورال ياردەم قىلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

729304
تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ي پ گ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ي پ گ نىڭ قولىغا ئۆتكەن ھەر بىر قورالنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن خەۋپ شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ي پ گ غا ئېغىر تىپلىق قورال بېرىش قارارى توغرىسىدا توختالغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، «سۈرىيەدە خاتا قەدەملەر تاشلانماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا دائىرىلىرى قاراشلىرىمىزنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ي پ گ بىلەن ئەرەبلەرگە ئايرىم مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئۇ يەرگە قوشۇمچە مۆتىدىل زاپاس كۈچلەرنى يوللاشقا بولىدۇ. راققە %99 سۈننىي ئەرەب شەھىرىدۇر. سۈرىيە ئىچىدىكى شەھەرلەرنىڭ كېلەچىكىنىمۇ ياخشى پىلانلىشىمىز لازىم. سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قالىدىغان بولساق، خۇسۇسەن ئىراقتا سادىر قىلغان خاتالىقلىرىمىزدىن ساۋاق ئېلىپ، ناتوغرا قەدەملەرنى تاشلىماسلىقىمىز كېرەك. ي پ گ بىلەن PKK ئوخشاش، ئارىسىدا پەرق يوق. بۇلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ھەر بىر قورال تۈركىيە ئۈچۈن خەۋپتۇر. قولغا چۈشكەن قوراللارنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقانىدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلغان باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇرەتتىن جانىكلىمۇ بۇنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئامېرىكىنىڭ ئۆزىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قوبۇل قىلغان بىر گۇرۇپپىغا (PKK غا) ي پ گ ئارقىلىق قورال بېرىشى رېئاللىقنى ئۆزگەرتمەيدۇ، بۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خەۋپ شەكىللەندۈرىدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇ يەردە مەۋجۇت بولۇشىنى بىز قوبۇل قىلالمايمىز» دېدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بۇ خاتالىققا خاتىمە بېرىشىنى ۋە بۇ ئىشتىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جانىكلى، «بۇنداق بىر سىياسەت ھېچكىمگە پايدا بەرمەيدۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىر خالتىغا كىرىش توغرا ئەمەس. كېرەكلىك پۈتكۈل دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىمىز ۋە كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئارزۇيىمىز، يېڭى ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بۇ خاتالىقلارغا خاتىمە بېرىشى ۋە دوستلۇقنىڭ تەقەززاسى نېمە بولسا، ئۇنى قىلىشىدۇر. <دائېشقا قارشى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى پەقەت ي پ گ بولغاندىلا غەلىبىلىك بولىدۇ> دېگەن سۆزنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن ئالاقىسى يوق، مەن بۇ خاتالىقتىن قايتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر