تۈركىيە سىياسىي تارىخىدىكى يېڭى دەۋر 2- مايدا باشلىنىدۇ

تۈركىيەنىڭ دىققىتى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگانلىرىدىن مەركىزىي ئىجرائىيە ئورگىنى بىلەن مەركىزىي قارار چىقىرىش ۋە باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ 1 - مايدىكى يىغىنىغا مەركەزلەشتى.

723000
تۈركىيە سىياسىي تارىخىدىكى يېڭى دەۋر 2- مايدا باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگانلىرىدىن مەركىزىي ئىجرائىيە ئورگىنى بىلەن مەركىزىي قارار چىقىرىش ۋە باشقۇرۇش ئورگىنى 1- مايدا يىغىن چاقىرىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى پارتىيەگە ئەزا بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. 2 – ماي سەيشەنبە كۈنى پارتىيەنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنى پارتىيە مەركىزىي بىناسىدا ئېچىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئارىدىن 33 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىزنىكىنى قاداپ، پارتىيەنىڭ ئەزاسى بولىدۇ.

ئەردوغان پارتىيەگە ئەزا بولغاندىن كېيىن، قۇرۇلتاي مۇساپىسى باشلىنىدۇ. 21 – مايدا چاقىرىلىدىغان قۇرۇلتايدا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتى بېكىتىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پارتىيە سېپىدە يېڭىلاش ئېلىپ بېرىپ، ئىچكى كابىنتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى كۈتۈلمەكتە.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بۇ خىل خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى ئالدىراش كۈنلەر كۈتمەكتە؛ مەجلىس، ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش دائىرىسىدە كېرەكلىك قانۇنلارنى چىقىرىش ئۈچۈن، ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر