نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

719233
نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر ھەپتە ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 66 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 17-ئاپرېلدىن 24-ئاپرېلغىچە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، مەملىكەت مىقىياسىدا پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 66 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، پ ك ك غا يانتاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ 185  كىشى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بولغان 47 گۇماندار تۇتقۇن قىلىنغان بولسا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 1015 كىشى، سولچىل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولغان 26 كىشى تۇتۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر