ئەردوغان: ئارىسىدا ئورتودوكس، پىروتېستانت، ئاتېئىستلار بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بىر مىللەت

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياۋروپانىڭ تۈركىيەگە ئىككى يۈزلىمىچى پوزىتسىيەدە بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

716722
ئەردوغان: ئارىسىدا ئورتودوكس، پىروتېستانت، ئاتېئىستلار بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بىر مىللەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مەركىزى قاتارغا جايلاشقان ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا دوكلات تەييارلىغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۆزەتكۈچىلىرى ئارىسىدا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرىنىڭ بارلىقىنى فوتو – سۈرەتلەر ئارقىلىق دەلىللىدى.

ياۋروپانىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا تەرەپ تۇتقانلىقىنى، بىراق تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە بىر يۈزىگە تەستەك ئۇرۇلسا، ئىككىنچى تەرىپىنى تۇتۇپ بېرىدىغان بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «تۈركىيە نۆۋەتتە ئۆزى ئىشەنگەن يولدا ئۇتۇقلۇق ھالدا ئىلگىرىلىمەكتە. يەنى، تۈركىيە مائارىپ، سەھىيە، ئەدلىيە، ئامانلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئاشلىق – يېزا – ئىگىلىك... پۈتكۈل ئۈستقۇرۇلما سېلىنمىلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت بەيگىسىدە ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى. ياۋروپا بۇنى ھەزم قىلالمايۋاتىدۇ. ئەمدى بۇ يېڭى سىستېما سايىسىدا تېخىمۇ تېز ئىلگىرىلەيدىغان بىر مۇساپىگە قەدەم باستۇق» دېدى.

ئەردوغان، ياۋروپانىڭ «فاشىست»، «ناتسىست» دېگەندەك ئەيىبلەشلەردىن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ خىل سىياسەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىدە يالغان ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ياۋروپاغا «دېموكراتىك بولۇڭلار» دەپ چاقىرىق قىلغان ئەردوغان، «دېموكراتىك بولىدىغان بولساڭلار، مەسىلە يوق، بىراق تۈركىيەنى 54 يىل بويىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ساقلىتىپ قويغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك بولۇش دەيدىغان بىر نەرسىسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار بىر سوئالغىمۇ جاۋاب بەرگەن ئەردوغان، «ئەگەر مېنىڭ خەلقىم ئۆلۈم جازاسى توغرىسىدا بىر قارار چىقارسا، ئىش تۈگەيدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلمىسا قىلمىسۇن، 54 يىلدىن بېرى ئالمىدى، بىر نەرسە بولدىمۇ؟» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ ۋاتىكانغا بېرىپ پاپانىڭ ۋەز – نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىشى توغرىسىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئورتودوكس، پىروتېستانت ، ئاتېئىست بولسىمۇ، يەنىلا بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان، سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى قىلىنىۋاتقان كۈرەش ئۈستىدىمۇ توختالدى ۋە يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ PKK نىڭ گۇماشىتىسى پ ي د غا روشەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، غەرب دۇنياسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق جۇغراپىيەسىنىڭ سىزىقلىرىنى قايتىدىن سىزىش ئۇرۇنۇشلىرىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «غەرب دۇنياسى، بىز ئىراق ۋە سۈرىيەدە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش تەرەپدارىمىز، دەۋاتىدۇ، ئەمما، ئەمەلىيەتكە كەلگەندە، گويا بىر بۆلىشىش كەيپىياتى بار، مەسىلە مانا بۇ يەردە» دېدى.

ئىراننىڭ پارس كېڭەيمىچىلىكى ئېڭىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئۆزىنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈشكە باشلىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان ئەردوغان، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى رىشتىنىڭ قەۋمچىلىكنى ئەمەس، دىننى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «قەۋمچىلىك قىلىش بىز ئۈچۈن بىر دىن بولالمايدۇ؛ مەزھەپلەر بىز ئۈچۈن بىر دىن بولالمايدۇ، ئۇلار پەقەت قاراشلاردىن ئىبارەتتۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر