بۇلتۇر تۈركىيەدە 12 مىليون 500 مىڭ ئەقىللىق تېلېفون سېتىلدى

بۇلتۇر پۈتكۈل تۈركىيە مىقىياسىدا 12 مىليون 500نىڭ ئەقىللىق تېلېفوننىڭ سېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

704006
بۇلتۇر تۈركىيەدە 12 مىليون 500 مىڭ ئەقىللىق تېلېفون سېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە بۇلتۇر 12 مىليون 500 مىڭ ئەقىللىق تېلېفون سېتىلدى.

2015-يىلىدا تۈركىيە مىقىياسىدا 12 مىليون ئەقىللىق تېلېفون سېتىلغانىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيەدە ئەقىللىق تېلېفون بازىرى 2016-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %4.2 زورايغان.

بۇ يىلنىڭ ئىچىدىلا 1 مىليون 900 مىڭ ئەقىللىق تېلېفون سېتىلدى.

تۈركىيەدە بۇلتۇر سېتىلغان تېلېفونلارنىڭ %94 ى 4.5Gغا ماس كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر