«فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت ئاخىرلاشتى

باش مىنىستىر يىلدىرىم «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

702288
«فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە باشچىلىقىدا باشلانغان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئېھتىياج چۈشكەن تەقدىردە ئېلىپ بېرىلغۇسى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ باشقا ئىسىم بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە ئەلبابنىڭ تېررورىستلاردىن تازلىنىشى بىلەن 2 مىڭ 15 كىۋادرات كىلومېتىرلىق ساھەنى كونترول ئاستىغا ئالغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، تۈركىيەدىن كەتكەن سۈرىيەلىكلەرنىڭ شۇ ساھەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ نورماللىشىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى دەپ بىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د / ي پ گ گە قورال - ياراغ بەرگەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن يىلدىرىم، بۇنىڭ تۈركىيەگە ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

رەققە ھەرىكىتى توغرۇلۇق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ تولىمۇ سەت ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئامېرىكىغىمۇ سەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، كەركۈكتىكى بايراق سۈركىلىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كەركۈك ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى دائىرىسىدىكى بىر شەھەر بولۇپ، بۇ قىلمىش شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جاينى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ قىلمىش ئىراقنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن قانۇنسىزلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنىڭغا تۈركمەنلەرمۇ، ئەرەبلەرمۇ رازى ئەمەس. بىزگە نىسبەتەنمۇ خاتالىق بولۇپ، بۇ ھەقتە ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق.»

تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان يىلدىرىم، ياۋروپادا يېقىندىن بۇيان ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئەللىرىدە جامەلەرگە ئوت قويۇپ بېرىلىۋاتىدۇ، تاملارغا كىرېست بەلگىلىرى يېزىلىۋاتىدۇ، ناتسىست ئىبارىسىدىن بىئارام بولۇۋاۋاتقان گېرمانىيە بىلەن گوللاندىيە بۇ ۋەقەلەرگە قارىتا ئېنىق پوزىتسىيە تۇتۇشى لازىم.»

ياۋروپادىكى چەت ئەل دۈشمەنلىكى، تۈركلەر ۋە ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن ياۋروپانىڭ كەلگۈسىدە بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلىشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن يىلدىرىم، 16 – ئاپرېل كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رېفېراندۇمدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزسا، ياۋروپانىڭ ئېغىر زىيان تارتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشىنىڭ، تۈركىيەگە دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى، پ ك ك ۋە باشقا سولچىل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، تۈركىيە – گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا ئاخبارات ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا گېرمانىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تۈركىيە ئاخبارات ئورگانلىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرۇلۇق تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشىنىڭ تولىمۇ سەت ئىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

يىلدىرىم گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئەللىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ دۈشمىنى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش نىشان قىلىنغان رېفېراندۇمنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقى ئۈچۈن بىر تەرەپلىمىلىك پوزىتسىيە تۇتۇپ، تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

 دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئورگىنى يىغىنىدا جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى توغرۇلۇق تەۋسىيە قارارى ئېلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، «جىددىي ھالەت مەسىلىسى كۈنتەرتىپتە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئورگىنىدا بۇ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنمىدى، بەلكى 19 – ئاپرېلدىن بۇرۇن بۇ ھەقتە قارار چىقىرىلىشى مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر