چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن كۆرۈشتى.

702684
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىر رېكس تىللېرسون بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى ي پ گ بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ، تىللېرسون بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز لازىم. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار ھەربىي ئورگانلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدا ي پ گ بىلەن پ ك ك ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقلۇقىنى قوبۇل قىلىدۇ، پ ك ك ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تىزىلىكىدە بولسىمۇ ئەمما تولىمۇ ئەپسۇسكى ئىلگىرى سۈرىيەدە ي پ گ بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى بىلىمىز ھەمدە ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ ي پ گ گە ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆردۇق ۋە بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇق.»

چاۋۇشئوغلۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك ھۆججەتلەرنى ئامېرىكىغا بەرگەنلىكىنى ھەمدە بۇ ھەقتە ۋاشىنگتوندىن ئىجابىي قەدەم تاشلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تىللېرسون ئۇچرىشىشتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش، تۈركىيە–ئامېرىكا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقى قاتارلىق ئۈچ مۇھىم مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش مۇھىم ھەمراھ ئىكەنلىكىنى، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشلىرىمىز سۈرىيەدە مۇقىملىق ساھەلىرى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتى. سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش پىلانلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى يېڭىش مەسىلىسىدە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق. ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. بەششار ئەسەدنىڭ ئاقىۋىتىگە سۈرىيە خەلقى قارار بېرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر