دېموكراتىيە تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىدى

غەربنىڭ دېموكراتىك مەدەنىيىتى فۇنكىسىيەسىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن دېموكراتىيە تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىدى.

700965
دېموكراتىيە تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى مەھمەت ئۇچۇم دۇنيادا ۋە تۈركىيەدە دېموكراتىيە بىلەن يەر شارى خاراكتېرلىك سەرمايىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «غەرب دېموكراتىيەلىرى سەرمايە كونتروللۇقىدىكى دۆلەتلەر سەۋەبىدىن باياشات جەمئىيەت ئۈستىگە قۇرۇلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىقتىسادىي باسقۇچلارغا بېقىىنىدىغان بىر دېموكراتىك مەدەنىيەت شەكىللەندى، ھەمدە ئاساسىي ساغلام بولمىغان بىر دېموكراتىيە ئېڭى ئوتتۇرىغا چىقتى. يەنى باياشات جەمئىيەت كونىرىغانسېرى دېموكراتىيە ۋە دېموكراتىك مەدەنىيەتمۇ ئۆز فۇنكىسىيەسىنى يوقاتماقتا. شۇنىڭ بىلەن، دېموكراتىيەنىڭ ماسكىسى چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئىرقچىلىق، چەت ئەل دۈشمەنلىكى، فاشىزم قاتارلىق قىلمىشلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. تۈركىيە بولسا دېموكراتىك مەدەنىيىتىنى ئىقتىسادىي باياشاتلىق ئۈستىگە ئەمەس، جەمئىيەتنىڭ ئۈستىگە بىنا قىلغانلىقى ئۈچئىنتايىن ساغلام قۇرۇلمىغان ئىگە. تۈركىيەدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قانۇنلۇق دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان بىردىنبىر سىياسەت، بىۋاسىتە خەلققە تايىنىدىغان سىياسەتتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر