«گوللاندىيە لۈكچەك دۆلەت»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گوللاندىيەنىڭ «لۈكچەك دۆلەت» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

692155
«گوللاندىيە لۈكچەك دۆلەت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان گوللاندىيەنىڭ ئەدەپسىزلىكى ھەققىدە توختالغاندا، خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر ۋە كېلىشىملەرنى دەپسەندە قىلىپ، تۈركىيەلىك مىنىستىرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان، غۇربەتچى تۈركلەرنى ئاتقا دەسسىتىپ، ئىتقا تالاتقۇزغان گوللاندىيەنى «لۈكچەك دۆلەت» دەپ ئاتاپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئۇزۇندىن بۇيان ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان دېموكراتىيە، پىكىر ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى، ئاياللارغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ مىلياردچە ئىنساننىڭ نەزىرىدە ئەمدى ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىدى. گوللاندىيەنىڭ بۇ زوراۋانلىقىغا ساھىب چىقىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ بارلىق ئېتىبارلىرىنى يوقاتتى.»

ئۇ يەنە، گوللاندىيەدە بۈگۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سايلامدا دۆلەتتىكى تۈركلەر، مۇسۇلمانلار ۋە باشقا چەت ئەللىكلەردىن ئىرقىي ئايرىمچىلىق ۋە دۈشمەنلىك قىلىشتا رىقابەتلىشىۋاتقان ۋىلدېرس بىلەن رۇتتېنى قوللاپ ئاۋاز بەرمەسلىكىنى تەنقىد قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر