ئىستانبۇلدا 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا يادرو ئېلېكتىر ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئىستانبۇلدا 8-مارتتىن 9-مارتقىچە 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا يادرو ئېلېكتىر ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

685665
ئىستانبۇلدا 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا يادرو ئېلېكتىر ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل 8-9 مارت ئارىلىقىدا 4-نۆۋەتلىك يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

يادرو ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىرى جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ياپونىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش يادرو سانائىتى تېخنولوگىيەسى ساھەسىدە تەجرىبىلىك بولغان دۆلەتلەردىكى ئالاقىدار شىركەتلەر شىرىك ئىزدەيدىغان بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا يەرلىك شىركەتلەر، ھەم تۈركىيەدىكى ھەمدە رايوندىكى يادرو ئېلېكتىر لايىھەلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش ئۈچۈن رىقابەتلىشىدۇ.

تۈرك شىركەتلىرىنىڭ يادرو ئېلېكتىر سانائىتى ساھەسىدە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ.

ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى توغرۇلۇق « www.nuclearpowerplantssummit.com » ناملىق ئىنېرنېت ئادرېسىدىن تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر