ئەردوغان: سۈرىيە، ئىراق ۋە يەمەندە ئېقىۋاتقان قانلارنى توختىتىش مۇھىم ۋەزىپىمىز

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن يوقىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

682114
ئەردوغان: سۈرىيە، ئىراق ۋە يەمەندە ئېقىۋاتقان قانلارنى توختىتىش مۇھىم ۋەزىپىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 13-قېتىملىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادقا يېتىپ باردى. ئۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا: «مۇھىم ۋەزىپىمىز-سۈرىيە، ئىراق ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېقىۋاتقان قاننى توختىتىشتۇر» دېدى.

ئۇ سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنى سىياسىي ھەمكارلىققا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«قولىمىزدىكى سانلىق مەلۇماتلار يوشۇرۇن كۈچىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆزئارا سودىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق يولى تىرانسىپورتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن چوڭ لايىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ لايىھەلەرنىڭ رايون دۆلەتلىرىگە پايدا يەتكۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئەرمېنىيەنىڭ تاغلىق قاراباغنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىگە كۆز يۇمۇپ قاراپ تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنى، ئادالەتسىزلەرچە يالغۇزلۇققا مەھكۇم قىلىنغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (28-فېۋرال) ئىسلامئابادتا، پىرېزىدېنت مەمنۇن ھۈسەيىننىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان رەھبەرلەرنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن تاماق زىياپىتىگە قاتناشقان ئىدى. تاماق زىياپىتى ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە 1 يېرىم سائەت داۋاملاشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىياپەتتىن كېيىن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن بولغان كۆرۈشۈشىمۇ ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە تەخمىنەن 50 مىنۇت داۋاملاشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈنكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرەسىدە، پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف بىلەنمۇ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر