تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىشىق: ئەلباب پۈتۈنلەي مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ بولدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، سۈرىيەنىڭ ئەلباب رايونىنىڭ پۈتۈنلەي مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

673942
تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىشىق: ئەلباب پۈتۈنلەي مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىكرى ئىشىق، بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى جەريانىدا بايانات بېرىپ، ئەلبابنىڭ مەركىزىنى تازىلاش خىزمەتلىرىنىڭ ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە توختاۋسىز داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلباب پۈتۈنلەي تازىلانغاندىن كېيىن ھاياتنىڭ نورماللىشىشقا باشلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىشىق، ئەلبابتىن كېيىن مۇنبىچتىكى پ ي د / PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ تامامەن چېكىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «بۇ جەھەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز. بىز ئۈمىد قىلىۋاتقان ئۈنۈمگە ھازىرغىچە ئېرىشەلمىدۇق. ئەلباب ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئىككى مۇھىم ئىشىمىز بار. بىرى مۇنبىچ، يەنە بىرى راققە. مۇنبىچتە PKK مەۋجۇدىيىتىنى قوبۇل قىلمايمىز. بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ راققە ھەربىي ھەرىكىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىشىق، تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم ئىشىنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكەتنى خاتا تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلماسلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئىككىنچى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئىشقا سېلىشنىڭ پاجىئە يارىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر فىكرى ئىشىق، «ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى خالايمىز. راققە ھەربىي ھەرىكىتى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ (سۇرىيە قانىتى) ي پ گ بىلەن ئەمەس، ئەرەب كۈچلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئامېرىكا بۇ جەھەتتە ئاخىرقى قارارىنى چىقارمىدى. بۇ ئىشنى چوقۇم پ ي د بىلەن قىلىمىز، دېگەن نۇقتىدا ئەمەس.» دېدى.

فىكرى ئىشىق، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفوردنىڭ ئەتە ئەنقەرەگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىشىق، ترامپ دائىرىلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ۋە پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى  توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئوباما دائىرىلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى بىلەن ئوخشاش، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «بۇنىڭدىن كېيىنكى پوزىتسىيەلەر ئورتاق خىزمەتلەرنىڭ يۆنىلىشىگە ئاساسەن شەكىللىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر