يىلدىرىم ب د ت باش كاتىپىنى قوبۇل قىلدى

باش مىنىستىر يىلدىرىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېسنى قوبۇل قىلدى.

670256
يىلدىرىم ب د ت باش كاتىپىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىغا جايلاشقان باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، مۇنداق دېدى: «كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەشنى غەلىبە بىلەن تاماملاش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلار ۋە رايونلۇق كېلىشمەسلىكلەرنى ھەل قىلىشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش زۆرۈر دەپ قارايمىز. دۆلىتىمىز كۆپلىگەن مەسىلىلەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ۋە قېرىنداشلىق تىرىشچانلىقلىرىغا ناھايتى زور ھەسسىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە. ئىستانبۇلنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئورگانلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان يىلدىرىم، «بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە تۈركىيە خەلقىنىڭ كېلەچىكىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە كۈتۈلمىگەن بىرەر ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىشىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئارالدا قۇرۇلغۇسى يېڭى دۆلەت تۈزۈمى ھەر ئىككى خەلققە ئادىل، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇشى كېرەك. بۇ ناھايتى مۇھىم» دېدى.

كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسىنىڭ بىخەتەر رايونلارنى تەشكىل قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، ئۇچرىشىشتا، باش كاتىپقا 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى ۋە جاۋابكارلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى ۋە بۇ دائىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك رولىنىڭ بار – يوقلۇقى مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېس، «ھەممە ئىشىكلىرىنى تاقىۋالغان بىر پەيتتە، سىلەر 3 مىليون كۆچمەننى باغرىڭلارغا باستىڭلار، شۇڭا دۇنيا ساياھىتىنى تۈركىيەدىن باشلىدىم. دەرۋەقە، تۈركىيە ئاستانادا ناھايتى مۇھىم رول ئوينىماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر