دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە يەنە بىر يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ

ئەدەن بوغۇزى، سومالى دېڭىزى، ئەرەب دېڭىزى ۋە مۇجاۋىر رايونلىرىدا تۇرۇۋاتقان تۈركىيە دېڭىز ئارمىيە قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2017-يىل 10-فېۋرالدىن تارتىپ يەنە بىر يىل ئۇزارتىلدى.

668601
دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە يەنە بىر يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئەدەن بوغۇزى، سومالى دېڭىز، ئەرەب دېڭىزى ۋە مۇجاۋھىر رايونلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2017-يىل 10-فېۋرالدىن تارتىپ بىر يىل ئۇزارتىش ھەققىدىكى باش مىنىستىرلىق قارارنامەسى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىندى. مىللىي مائارىپ مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز مەجلىستە ئېلىپ بېرىلغان بۇ توغرىدىكى كۆرۈشۈشلەردە سۆز قىلىپ، مەزكۇر رايونلارنىڭ دۇنيا ۋە تۈركىيە دېڭىز سودىسى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «دېڭىز قىسملىرىنىڭ دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى كۈرەشتىن باشقا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن نەپ بېرىدىغان خام ماددىلارنىڭ دېڭىز يولى ئارقىلىق توشۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دائىرەسى ئىچىدە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشىمۇ ئېھتىماللىقلار ئىچىدە. سومالى دېڭىزىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان تۈركىيە قىسىملىرى 2017-يىلى ئاپرېلدىن ماي ئېيىغچە سومالىغا يېتىپ بارىدۇ»» دېدى.

ئەدەن بوغۇزى توغرىسىدىكى قارارنامە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئالتە قېتىم ئۇزارتىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر