ئىستانبۇلدا ھۇجۇم يۈز بەردى
ئىستانبۇلدا تۈنۈگۈن كېچە جامائت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالدى بىلەن ئىستانبۇل جامائت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدىن كېيىن زوراۋان خالتا كوچىلارغا قاراپ قاچتى.
ئارقىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
ئوت چاچار قورال ئارقىلىق ئېتىلغان ئوق بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىنىڭ تاملىرىدىن ئۆتۈپ، ئىچكى تامغا تەگدى. ئەمما ئوق پارتلىمىدى. ھۇجۇم يۈز بەرگەندە سەھىيە كومىتېتى يىغىن ئېچىۋاتاتتى.
ھۇجۇمدىن كېيىن رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلدى.
ھۇجۇمدىن كېيىن كۆپ ساندىكى پارتىيە مەنسۇپلىرى بىناغا كەلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر يىلدىرىم مەسئۇللاردىن ھۇجۇم توغرۇلۇق ئۇچۇر ئىگىلىدى ھەمدە تەزىيە بىلدۈردى.
دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئاختۇرۇپ تۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق زوراۋانلارنى ئىزدىمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.