باش ئىشتاب باشلىقى ئاقار ناتو يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، ناتونىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش بويىچە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

654033
باش ئىشتاب باشلىقى ئاقار ناتو يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، ناتونىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش بويىچە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە تۈركىيەگە تېخىمۇ كونكرېت ھەمدەم بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، تۈنۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان 176 – نۆۋەتلىك ناتو ھەربىي ئىشلار كومىتېتى باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا، ناتو قوماندانلىق قۇرۇلمىسىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، ئافغانىستاندىكى ئومۇمىي خەۋپسىزلىك ئەھۋالى، ئۇ يەردە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋەزىپىلەر ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.

گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار، ناتونىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش بويىچە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە تۈركىيەگە تېخىمۇ كونكرېت ھەمدەم بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندا بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار، خىزمەتلەر دائىرىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئاۋسترىيە، ئۇكرائىنا، رومىنىيە، ئاۋسترالىيە، ئىسرائىلىيە ۋە ئىتالىيە باش ئىشتاب باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر