يىلدىرىم ئىراقتىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئىراق زىيارىتى ھەققىدە توختالدى.

647050
يىلدىرىم ئىراقتىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئىراقنىڭ باشىكا لاگېرىدىكى تۈركىيەنىڭ ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ زۆرۈرىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى تەكرارلىغان ھالدا، «ئەسكەرلىرىمىز لاگېر جايلاشقان مۇسۇل شەھىرىنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

يىلدىرىم ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئىراق زىيارىتى ھەققىدە توختالدى؛ ئىراقلىق ئەمەلدارلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر يىلدىرىم، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىنجار رايونىدىكى مەۋجۇدىيىتىنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم، بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىراقلىق ئەمەلدارلارغا يەتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

باشىكا لاگېرىنىڭ بىر ئىراق لاگېرى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئالدىنقى كۈنكى باياناتىنىڭ پەردە ئارقىسىغا ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن باش مىنىستىر يىلدىرىم، «ئەلۋەتتە بىر ئىراق لاگېرىدۇر. بۇ يەردىكى تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىختىيارىيلىقنى ئەمەس، زۆرۈرىيەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. تۈركىيە ئەسكەرلىرى بۇ يەردە مۇسۇل شەھىرى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇلۇپ بولغۇچە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەت قايتا مۇھاكىمە قىلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئىراق زىيارىتىدە ئۆزلىرىگە ھەمراھ بولغان بەزى مىنىستىرلارنىڭ باشىكا لاگېرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر