قۇرتۇلمۇش: ئىستانبۇل ھۇجۇمچىسىنىڭ بارماق ئىزى ۋە شەكلى ئېنىقلاندى

باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبنى قانغا بويىغان تېررورچىنىڭ بارماق ئىزى ۋە شەكلىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

643040
قۇرتۇلمۇش: ئىستانبۇل ھۇجۇمچىسىنىڭ بارماق ئىزى ۋە شەكلى ئېنىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىلنىڭ تۇنجى ئىچكى كابىنېت يىغىنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىنى ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى تەشكىل قىلدى.

يىغىن توغرىسىدا بايانات بەرگەن باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، «تۈركىيە بۇ خائىن ھۇجۇمدىن قورقۇپ كەتمەيدۇ» دېدى ۋە تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك كۈرىشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قۇرتۇلمۇش، ئىراق بىلەن يېڭى بىر سەھىپىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بولۇپمۇ فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئۇتۇقلۇق شۇنداقلا قەتئىي ئىرادە بىلەن سۈرىيەدە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەم تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ھەم تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى پىچكا قىلىپ قوللىنىۋاتقانلارنى بىئارام قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئەمەلىي ساھەدىكى غەلىبىمىزنى ھەزم قىلالمىغان كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىنى يېتەكلەۋاتقانلىقى نامايان بولماقتا» دېدى.

ئۇ يەنە، «قانداق پىلان تۈزسەڭلار تۈزۈڭلار، تۈركىيە ھەر قانداق تەدبىرنى يولغا قويۇشقا قادىردۇر. ھەربىي ھەرىكەتلەر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تۈركىيەگە قەتئىي تەھدىت سالالمايدىغان ھالەت شەكىللەنگۈچە داۋاملىشىدۇ. جەرابلۇس، مۇنبىچ، ئەلباب... قەيەرگىچە كەتسە مەيلى. قەتئىي ئىرادە بىلەن چېگرا سىرتىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر