مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش ھەققىدە توختالدى

بەزى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ تەزىيەلىرىنى بىلدۈردى.

642322
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش ھەققىدە توختالدى

 

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەشتە سەمىمىي تىرىشچانلىقنىڭ قويۇقلاشتۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

دېپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جەنسون، ب د ت مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى مۇدىرى بوكوۋا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى سىتولتېنبېرگ ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابى تىۋىتتېردىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تەزىيە تېلەكلىرىنى ۋە تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن دوستلىرىمىزغا رەخمەت ئېيتىمىز. تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەشتە سەمىمىي تىرىشچانلىقلار قويۇقلاشتۇرۇلىشى لازىم» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر