تۈركىيە ئارمىيەسى ئونلارچە دائېشچىنى ئۇجۇقتۇردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى 131 - كۈنىگە قەدەم قويدى.

641691
تۈركىيە ئارمىيەسى ئونلارچە دائېشچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 34 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنىڭ نىشانلىرىنى بىتچىت قىلىش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا باشلانغان ھەرىكەتنىڭ 131 - كۈنىدە، دائېشنىڭ نىشان بېكىتىش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئېنىقلانغان166 نىشانى بومباردىمان قىلىندى.

تۈركىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دائېشنىڭ باب، بزاگاھ، سۇفلانىييە ۋە شەماۋىيەدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى ۋە قورال ئىسكىلاتلىرى قوشۇلۇپ جەمئىي 17 بىناسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.

تۈنۈگۈنكى توقۇنۇشلاردا بولسا، 3 ئۆكتىچى يارىلانغانىدى.

بۇ دائىرىدە يەنە، ئۆكتىچىلەرگە ھەمدەم بولۇۋاتقان پارتلاتقۇچ ماددىلارنى ئېنىقلاپ يوقىتىش ئەترىتىدىكى خادىملار، 1 مىنا بىلەن 23 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچنى پىلانلىق يوسۇندا چۇۋۇپ تاشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر